ب د ت خىمىيەۋى قوراللار مەسىلىسى بويىچە يىغىن چاقىردى

ب د د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سۈرىيەدە خىمىيەۋى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا يىغىن چاقىردى.

895731
ب د ت خىمىيەۋى قوراللار مەسىلىسى بويىچە يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، سۈرىيەدە خىمىيەۋى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىن چاقىردى.

رۇسىيەنىڭ پارىژدا تۈنۈگۈن ئېچىلغان يىغىندا خىمىيەۋى قوراللارنى ئىشلەتكۈچىلەرنى جازالاندۇرۇش مەسىلىسىدە خەلقئارالىق سەۋىيەدە ھەمكارلىق ئورنىتىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يىغىنغا چاقىرىشى دىققەت قوزغىدى.

رۇسىيەنىڭ دائىمىي ۋەكىلى نېبېنزىيا يىغىندا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى سۈرىيەدە خىمىيەۋى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قارشى چىقىش بىلەن ئەيىبلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

نېبېنزىيا رۇسىيەنىڭ خىمىيەۋى قوراللار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىلىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق ئوتتۇر شەرق دۆلەتلىرىدىكى توقۇنۇشلاردا خىمىيەۋى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ تولىمۇ بىئارام بولىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان نېبېنزىيا، سۈرىيەدە خىمىيەۋى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارغان ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ نەتىجىلىك خىزمەت قىلالمىغانلىقىنى، بۇ گۇرۇپپىنىڭ سىياسەتنىڭ مەنپەئەتنىڭ خىزمەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ «سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى شەرقىي غۇتەدە خىمىيەۋى قوراللار ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى»ئېيتقان نېبېنزىيا: رۇسىيە سۈرىيەدە خىمىيەۋى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا تايىنىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغان خەلقئارالىق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىشنى تەكلىپ قىلىدۇ، دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە خىمىيەۋى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارغان  ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۈچ قېتىم ۋېتو قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ  ئۆتۈپ : رۇسىيە سۈرىيەدە خىمىيەۋى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يىغىنغا چاقىرىشتىن بۇرۇن ئەينەككە سىنچىلاپ قاراپ بېقىشى كېرەك، دېدى.

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئۆز خەلقىگە خىمىيەۋى قوراللار ئىشلەتكەن ھاكىمىيەتنى قانات ئاستىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھالېي، پارىژدىكى يىغىندا خىمىيەۋى قوراللارنى ئىشلەتكۈچىلەرنى جازالاش مەسىلىسى بويىچە خەلقئارا سەۋىيەدە ھەمكارلىق ئورنىتىشتا پىكىر ھاسىل قىلىنىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنى ئېغىر ئۇسلۇبتا تەنقىد قىلغان ھالېي سۆزىنى داۋملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ ھەقىقەتكە ئېرىشىشىمىزگە توسالغۇ بولىدىغان، مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ بولۇشى شەرت بولغان تەكشۈرۈش خىزمىتىنى سىياسەتكە ۋاستە قىلىدىغان تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلمايمىز. رۇسىيە سەممىي ھالدا بىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالىسا مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ بولغان خەلقئارا خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ چىقساق بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ چىقىشنىڭ ھاجىتى ئورنى يوق، ئامېرىكا بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيەنىڭ بۇ تەكلىپلىرىگە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. »



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر