ناتو باش كاتىپى: يادرو قوراللىرىسىز دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ «يادرو قوراللىرىسىز دۇنيا بەرپا قىلىش» پىكرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەمما بۇنىڭ ئىمكانسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

888558
ناتو باش كاتىپى: يادرو قوراللىرىسىز دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ شىۋېتسىيەنىڭ سالېن شەھىرىدە چاقىرىلغان «خەلقئارا بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسى» كونفېرانسىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «خىتاي، رۇسىيە ۋە جەنۇبىي كورېىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يادرو قوراللىرىغا ئىگە. بۇنداق ئەھۋالدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشى دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر ھالغا كەلتۈرمەيدۇ. دەرۋەقە، دۇنيادا تەڭپۇڭلۇق بولۇشى لازىم. شۇڭا ناتو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغان يادرو قوراللىرىنى چەكلەش كېلىشىمىنى قوللىمايدۇ.»

يادرو قوراللىرىنى چەكلەش كېلىشىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بايقۇت قىلىشىغا قارىماي 122 دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر