ئامېرىكا ئىران توغرۇلۇق ئەڭ ئاخىرقى قارارنى مۇشۇ جۈمە كۈنى چىقىرىدۇ
ئامېرىكا ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى توغرۇلۇق مۇشۇ جۈمە كۈنى قارار چىقىرىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى توغرۇلۇق ئەڭ ئاخىرقى قارارىنى مۇشۇ جۈمە كۈنى چىقىرىدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىلىرىدىن سىتېۋ گولدستېيىن بۇ مەسىلە ھەققىدە تاراتقۇلارغا مەلۇمات بەردى.
گولدستېيىن 2015-يىلى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى توغرۇلۇق سورالغان سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مۇشۇ جۈمە بۇ ھەقتە ئېنىق قارار چىقىرىلىدۇ ۋە بۇ توغرۇلۇق تالاش-تارتىشلار داۋاملىشىدۇ.»
گولدستېيىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس بىلەن بۇ ھەپتە بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىللېرسون جۈمە كۈنى « AP » خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە يا تۈزىتىش كىرگۈزىمىز ياكى بىكار قىلىۋىتىمىز»دېگەنىدى.