تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر مەدەنىيەت مەركىزىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

877585
تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كابۇلدىكى بىر مەدەنىيەت مەركىزىدە يۈز بەرگەن ۋە كۆپ ساندا ئافغانىستانلىقنىڭ جېنىغا زامېن بولغان ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمى قاتتىق ئەيىبلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ھەم لەنەتلەيمىز. ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر