«تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن زۆرۈررىيەتتۇر»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

877213
«تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن زۆرۈررىيەتتۇر»

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يىلدىرىم سەئۇدى ئەرەبىستان خان سارىيىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ۋە دۇنيادا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىشتا ھالقىلىق دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان زىيارىتىمنىڭ ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى.»

زىيارىتى جەريانىدا ئالدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن، ئارقىدىن تەخت ۋارىسى شاھزادە ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن  يىلدىرىم، شاھزادە بىلەن ھەم ئايرىم ھەم ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇچرىشىشلىرىدا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتقان  يىلدىرىم، بولۇپمۇ ئىراق، سۈرىيە، پەلەسىتن، ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش، قالايمىقانچىلىقلار، لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ نۆۋەتىكى ۋەزىيىتى، تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشلاردا، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغىلى  بولىدىغانلىقى ۋە قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بولۇپمۇ سودا – ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ئورتاق لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھەم ئوتتۇرا شەرقتە ھەم دۇنيادا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھالقىلىق دۆلەتلەردۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشى پەقەت تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچۈنلا ئەمەس، ئوتتۇرا شەرق رايونى  ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم ھەم زۆرۈررىيەتتۇر.»

ئۇ يەنە، شاھزادە سەلماننىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، ئۆزئارا زىيارەتلەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر