پۇتىن مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن غەيرىي رەسمىي ئۇچراشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىگە ئەزا ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

876588
پۇتىن مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن غەيرىي رەسمىي ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىگە ئەزا ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىش دېگەندەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، «يېڭى يىل كىرىشتىن ئىلگىرى، بۇنىڭدىن بۇرۇن دېيىشكىنىمىز بويىچە غەيرىي رەسمىي مۇھىتتا ئۇچرىشىپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسى دائىرىسىدە يېقىنقى بىر يىلنىڭ ئورتاق خىزمەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى، كېلەچەككە دائىر پىلانلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيا كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خۇشالمەن» دېدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن، يېقىنقى بىر يىلدا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بىر گەۋدىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «گەۋدىگە ئەزا دۆلەتلەر تېررور، چېگرا ھالقىغان جىنايى قىلمىشلار ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئېشىش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، «9 ئايلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سودا تۆتتە بىر ئاشقان» دېدى.

مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسى بايرىقى ئاستىدا ھەر خىل ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان پۇتىن، «بىرلىكتە دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر