ئافغانىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئېغىر زەربە بېرىلدى

ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

876168
ئافغانىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئېغىر زەربە بېرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارھار ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاچىن ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 15 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

نانگارھار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ ھوگيانى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ دائېش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاتائۇللاھ ھوگيانى ھۇجۇمدا دائېشقا تەۋە 2 قورال ئىسكىلاتىنىڭمۇ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى ۋە رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر