پادىشاھ سەلمان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە يەمەندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

875311
پادىشاھ سەلمان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ھۇسىيلارنىڭ رىيادقا قىلغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرىگە قارشى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان ماكرون، ئافرىقىنىڭ دېڭىز قىرغىقى دۆلەتلىرىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن پادىشاھ سەلمانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر