مىسىر تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۈكرى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۈكرى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۈكرى «ئەخبار ئەل-يەۋم»گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «شەكسىزكى تۈرك ۋە مىسىر خەلقىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان نۇرغۇن نەرسە بار. ئىككى خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەر، رىشتىلەر، ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق ۋە ئورتاق مىراسلار مەۋجۇت، شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى خالايمىز، مىسىر بۇنىڭغا ھەر دائىم ئىجابىي قارايدۇ.»
قاھىرە بىلەن ئەنقەرە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن شۈكرى مۇنۇلارنى دېدى: «مىسىر بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق ۋە سۈركىلىشلەرنى تۈگىتىشكە ھەر ۋاقىت تەييارمىز.»
مىنىستىر شۈكرى مىسىرنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.