ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قورال - ياراغ سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال - ياراغ سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

874265
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قورال - ياراغ سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ۋاشىنگتوننىڭ كىيېۋغا 47 مىليون دوللارلىق كېلىشىم دائىرىسىدە 210 دانە ئانتى تانكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ۋاشىنگتون يۈز بەرگۈسى زوراۋانلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كىيېۋغا ئىلغار قورال – ياراغلارنى سېتىپ بېرىدىكەن. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە،  ئۇكرائىنا ھەم ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە ھەم ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەت ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ «‹ABC › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاشىنگتون كىيېۋغا سېتىپ بېرىدىغان 47 مىليون دوللارلىق قورال – ياراغلار  210 دانە ئانتى تانكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە  35 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر