ھەنىيە تۈركىيە ۋە ئەردوغاننىڭ قوددۇس پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى

ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلار بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىيە، تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

873101
ھەنىيە تۈركىيە ۋە ئەردوغاننىڭ قوددۇس پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي ئىشلار بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىيە، غەززەدە زىيارەتتە بولغان تۈركىيە ھەيئىتى ئارىسىدىكى تۈركىيەنىڭ قۇددۇس باش كونسۇلى باش ئەلچى گۈرجان تۈركئوغلۇ بىلەن ئىشخانىسىدا كۆرۈشتى. ھاماس بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچرىشىشتا ھەنىيەنىڭ، تۈركىيەنىڭ، ئىسرائىلىيە ئىشغالى ئاستىدىكى قۇددۇسقا ئالاقىدار پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەنىيە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنى مەدھىيەلىدى ۋە نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ قۇددۇس ۋە پەلەستىننى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن تۈرك خەلقىگىمۇ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، پەلەستىندىكى مىللىي يارىشىش مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، ھاماسنىڭ يارىشىشنى ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈش قارارىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈرك باش ئەلچى تۈركئوغلۇ بولسا، تۈركىيەنىڭ قۇددۇس ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە بولغان قارىشىنىڭ روشەن ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا قارارىدىن ۋاز كەچكۈچە قۇددۇس مەسىلىسى بويىچە بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركئوغلۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەگە ھەمنەپەس بولۇشنىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى باش مۇدىرى سەلامى قىلىچ، تۈركىيەنىڭ قۇددۇس باش كونسۇلى باش ئەلچى گۈرجان تۈركئوغلۇ بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ پەلەستىنگە مەسئۇل كوردىناتورى بۈلەنت قورقماز قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان تۈركىيە ھەيئىتى نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرۈش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن غەززەگە كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر