ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتا چىڭ تۇرماقتا

ئامېرىكا ي پ گ تەشكىلاتىغا قورال-ياراغ ياردەم قىلىشنى توختىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى، بىراق بۇ تەشكىلات بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

856299
ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتا چىڭ تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ تەشكىلاتىغا بىۋاستە قورال-ياراغ ياردەم قىلىشنى توختىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىراق بۇ تەشكىلات بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  ئۆتكەن جۈمە كۈنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە  تىرامپقا ئامېرىكىنىڭ ي پ گ غا قورال-ياراغ ياردەم قىلىشنى توختىتىشى لازىملىقىنى دېگەنىدى. بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشى توغرۇلۇق ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون بىلەن ئاقساراي بايانات ئېلان قىلدى.

پېنتاگوننىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشخانىسى باياناتچىلىرىدىن ئېرىك پاھون تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ غا راققە ۋە بەزى جايلاردا ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىشلىتىش ئۈچۈن قورال-ياراغ ياردەم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ي پ گ غا بېرىلىۋاتقان ياردەملەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پاھون مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە داۋاملىق سۈرىيەدىكى دېموكراتچى كۈچلەر بولغان پ ي د غا ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قورال-ياراغ ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى دەپ كەلدۇق. بىز بۇ سىياسىتىمىزگە ماس ھالدا دائېشنى مەغلۇب قىلىش ۋە تېررورچىلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن خىزمەتلەر ئېلىپ باردۇق، پ ي د غا ئوخشاش كۈرت ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا قورال-ياراغ ياردەم قىلىش مەسىلىسى  ئۈستىدە قايتىدىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىمىز.»

پاھون رايوندا مۇقىملىق بەرپا قىلىش ۋە دائېشنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش مەقسىتىدە سۈرىيە دېموكراتچىلار بىرلىكى نامى ئاستىدىكى پ ي د- پ ك ك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالغان پېنتاگون باياناتچىسى ئوفېستىر روب مېېينىڭمۇ: « پ ك ك-پ ي د غا قورال-ياراغ قىلىش مەسىلىسىنىڭ دائېشنى يوق قىلىش ۋە تېررورچىلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇقىملىق خىزمەتلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى»دېدى.

روب مېېينىڭ يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «دائېشنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى ۋە پ ك ك تەھدىتلىرى ئالدىدا ناتو ئىتتىپاقدېشىمىز بولغان تۈركىيەنى مۇداپىئە قىلىش سىياسىتىمىزنى دۋاملىق تەكىتلەپ كەلدۇق.»

بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ پ ك ك- پ ي د غا قورال-ياراغ ياردەم قىلىشنى توختىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.  

ساندېرس مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «بىز قايسى رايوندا دائېش ئۈستىدىن غەلىبە قىلساق، شۇ رايوندا قوللاپ كېلىۋاتقان كۈچلەرگە بولغان ياردىمىمىزنى ئازايىتىشنى مەقسەت قىلىپ كەلدۇق، نۆۋەتتە راققەدە دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەردۇق، شۇڭا راققەدە بۇرۇن قوللاپ كېلىۋاتقان كۈچلەرگە ياردەم قىلىشنى ئاستىلاتتۇق، بۇ ھەرگىزمۇ بۇ كۈچلەر بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلاش دېگەنلىك بولمايدۇ، ئەسلىدىكى مەقسىتىمىز دائېشنى يوق قىلىشتۇر، ھازىرغىچە دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشتۇق، بىز باشتىن-ئاخىرى پىلان بويىچە ئىش قىلىپ كەلدۇق.»

دونالد ترامپنىڭ بۇ يىل مايدا راققە ھەربىي ھەرىكىتى ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك –پ ي د غا بىۋاستە  قورال-ياراغ بېرىشكە پېنتاگوننى مەسئۇل قىلىشى ۋاشىنگىتون بىلەن ئەنقەرە ئارىسىدا سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. پېنتاگون راققە ھەربىي ھەرىكىتى ئۈچۈن پ ي د غا قورال-ياراغ ياردەم قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ۋە راققە ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە پ ك ك –پ ي د غا قىلىنغان ياردەمنىڭ «تاكتىكىلىق»قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر