ئامېرىكا ئاراكاندىكى زۇلۇمنى «ئېتنىك تازىلاش»دەپ تەرىپلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ئاراكاندىكى زۇلۇمنى «ئېتنىك تازىلاش»دەپ تەرىپلىدى.

853166
ئامېرىكا ئاراكاندىكى زۇلۇمنى «ئېتنىك تازىلاش»دەپ تەرىپلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىرمادا بۇ يىل ئاۋغۇستتىن بۇيان 600مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ باڭلادىشقا قېچىشىغا سەۋەب بولغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى «ئېتنىك تازىلاش»دەپ تەرىپلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراكاندىكى زۇلۇمنىڭ چەكتىن ئاشقانلىقىنى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى، بۇ قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارىنىڭ بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ئاشقۇن بۇددىستلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ زورۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا روھىڭيا ئازادلىق «ئارمىيە»سىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىمۇ تەنقىد قىلغان تىللېرسون مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەھشىيانە زۇلۇمنى ھېچقانداق سەۋەب بىلەن ئاقلىغىلى بولمايدۇ.»

ئاراكاندا ئېتنىك تازىلاش قىلمىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەرنىڭ كۆپلىكىنى، شۇڭا زۇلۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن تىللېرسون، ۋەقەنىڭ تولۇق تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكان مەسىلىسىنى ئادىل بىر شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىشنى ۋە ئېمبارگو قويۇش قاتارلىق قانۇنىي چارىلەرنىڭ قوللىنىدىغانلىقىنى كۆزلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىللېرسون ئۆتكەن ھەپتە بىرماغا بېرىپ بىرمانىڭ ھەققىي رەھبىرى ئاڭ سان سۇ چى ۋە ئاراكان «ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە»  قومامدانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى مىن ئاڭ ھلىياڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

تىللېرسون يەنە بۇ يىل ب د ت دە ئاراكان مەسىلىسى بويىچە چاقىرىلغان يىغىندىمۇ ئاراكاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى «ئېتنىك تازىلاش»دەپ تەرىپلىگەنىدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكاندىكى رەھىمسىزلەرچە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا مىڭلارچە مۇسۇلماننىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانغا كىرىپ-چىقىشلارغا رۇخسەت قىلماسلىقى تۈپەيلى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى توغرا ۋە تولۇق ئېنىقلاپ چىقىشنىڭ تەس بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر