ئامېرىكا تېررورچىلارغا قورال بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدە ھىمايىسى ئاستىغا ئالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د غا 120 بىرونېۋىك بەردى.

852263
ئامېرىكا تېررورچىلارغا قورال بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۆتكەن ھەپتە ئىراق – سۈرىيە چېگراسىدىكى سىمەلكا چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكۈزگەن 120 ئۇرۇش ۋە مىناغا بەرداشلىق كۈچى يۇقىرى بىرونېۋىكنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د غا تاپشۇرۇپ بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى، بىرونېۋىكلار بىلەن يۈزلەرچە تېررورچىنى تۈركىيەنىڭ خاتاي شەھىرىنىڭ سۈرىيە تەرىپىدىكى ئافرىن ناھىيەسىگە يوللاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.

پ ك ك / پ ي د مەزكۇر ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تېررورچىلارنى ئافرىنغا يوللاش ئۈچۈن، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىراننىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھەلەب كارىدورىنى قوللىنىشىغا توغرا كېلىدۇ.

ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىراقتىن مىڭلارچە يۈك ماشىنىسى بىلەن قورال ۋە ئوق – دورىلارنى ئېلىپ كېلىپ، پ ك ك / پ ي د غا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر