نۇرغۇن يېزا – قىشلاقلار دائېشتىن ئازاد قىلىندى
ئىراقنىڭ ئەنبەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا 13 يېزا - قىشلاق ئازاد قىلىندى.
849058
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇرۇش ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئەنبەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان <ئەلجەزىرە> ناملىق تازىلاش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 3 كۈن ئىچىدە 3 ئادەم بومبا بىلەن قوشۇلۇپ، 48 دائېشچى تېررورىست ئۆلتۈرۈلدى، 6 ئاپتوموبىل بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى، 13 يېزا - قىشلاق ئازاد قىلىندى. ھەربىي ھەرىكەتلەر سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان ۋە ئىراقتىكى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى <راۋا> يېزىسى قايتۇرۇۋېلىنغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.»