ئىران فىرانسىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى، تېھراننىڭ فىرانسىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

846571
ئىران فىرانسىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ <ئىران بىلەن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى (ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە) ۋە گېرمانىيە ئارىسىدىكى يادرو كېلىشىمىدە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا دائىر يېڭى مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكى> توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى رەت قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى، كېلىشىمنىڭ «مۇزاكىرە قىلىشقا ئوچۇق ئەمەسلىكى» نى بىلدۈردى ۋە«فىرانسىيە رەھبەرلىرىگە بىر قانچە قېتىم ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە ئوچۇق ئەمەسلىكىنى ۋە كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا باشقا مەسىلىلەرنىڭ كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر