مۇسۇلمان ياشلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان چېركاۋنى ئەسلىگە كەلتۈردى

ئىراقلىق بىر گۇرۇپپا مۇسۇلمان ياش، 2014 – يىلى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇسۇلنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن كېيىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ چېركاۋى«Sacred Heart of Jesus» نى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردى.

844403
مۇسۇلمان ياشلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان چېركاۋنى ئەسلىگە كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلنىڭ تېلكەيف ناھىيەسىدە ئونلارچە مۇسۇلمان ياش پىداكارلىق بىلەن توپلىنىپ، 1912 – يىلى سېلىنغان چېركاۋنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن جايلىرىدىكى تاش – كېسەكلەرنى چىقىرىپ تاشلىدى، بىنادىكى كۆيۈك ئىزلىرىنى تازىلىدى ھەتتا چېركاۋنىڭ قوڭغۇرىقىنىمۇ ئۆز ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قەدەم، ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان خىرىستىيانلارنىڭ شەھەرگە قايتىپ كېلىشى، ئىبادەتلىرىنى تىنچ – خاتىرجەم ئادا قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە تاشلاندى.

دائېشنىڭ تېلكەيف ناھىيەسىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن كېيىن مىڭلارچە خىرىستىيان ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى، 9 ئايغا يېقىن داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە 10 – ئىيۇلدا مۇسۇلنىڭ دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر