تۈركىيە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە يەمەندىكى ھۇسىيلار تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادقا قىلىنغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

841330
تۈركىيە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

 باياناتتا: «ھۇسىي قوراللىقلىرىنىڭ 4-نويابىر سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ نىشانى قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمنىڭ سەئۇدى خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىدىن ۋە ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلماقتىمىز» دېيىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادنىڭ شەرقىي شىمالىغا تۈنۈگۈن (5-نويابىر) يەمەندىن ئېتىلغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغان ئىدى. ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق داۋام قىلىۋاتقان يەمەندە، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھۇسىيلار ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان تەختتىن چۈشۈرۈلگەن ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرى، 2014-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ پايتەخت سانائا ۋە ئەتراپىدىكى جايلارنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم بولسا، 2015-يىلى مارت ئېيىدىن تارتىپ يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر