سەئۇدى ئەرەبىستاندا شاھزادە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپىلان پاجىئەسىگە يولۇقتى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر شاھزادە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، تىك ئۇچاردا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

841276
سەئۇدى ئەرەبىستاندا شاھزادە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپىلان پاجىئەسىگە يولۇقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي تېلېۋېزىيە قانىلىدا تارقىتىلغان خەۋەردە، ئابھا رايونى مۇئاۋىن ئەمىرى شاھزادە مەنسۇر بىن مۇكرىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى ئېلىپ كېتىۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ۋەقەدە شاھزادە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شاھزادە مەنسۇر بىلەن بىرگە ئەمىر ۋەكىلى سەلمان ئەل جەرسى، ئەمىر باش كاتىپى سالىھ بىن ئابدۇللاھ ئەلقادى، ئاسىر رايونى يېزا ئىگىلىكى ئىشلىرى باشلىقى فەھىد ئەل فەرتىش، ئەسىر رايونى ساقچى ئىدارىسى باش مۇدىرى مىڭ بېشى سالىھ بىن سۇلايمان ئەلقارزائى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭمۇ چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىك ئىشلىرى باياناتچىسى گېنېرال مەنسۇر ئەتتۇركى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپلان تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېنېرال مەنسۇر ئەتتۇركى ئەسىر رايونى ئەمىرى ۋەكىلىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان پىروگراممىلارنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەبھا رايونىنىڭ غەربىدىكى ساھىل شەھىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، كەچتە قايتىش ئەسناسىدا تىك ئۇچار بىلەن بولغان ئالاقەنىڭ بىردىنلا ئۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. 

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتكەن جايغا يېتىپ بېرىپ، كېرەكلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېنېرال مەنسۇر ئەتتۇركى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالدىمىزدىكى سائادەتلەردە خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمبەھىرلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر