«تۈركىيە ھەممە ئۈچۈن ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم دۆلەت»

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جونسون تۈركىيەنىڭ ھەممە ئۈچۈن ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

839353
«تۈركىيە ھەممە ئۈچۈن ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم دۆلەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جونسون ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى يىغىنىدا، ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئالاقىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ دۆلىتىنى «ئىلمىي ئىسلام» غا ئايلاندۇرۇش تەرىقىسىدكى باياناتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسلاھات ۋە زامانىۋىلىشىش يولىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننى تەشۋىق قىلىشنى خالايمىز.»

ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ھاماس بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتىنىڭ بار – يوقلۇقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەدە، مۇنداق دېدى: «دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن شەخسلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز. ھاماس بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە ئالاھىدە ئالاقە ئورنىتىشقا ئېھتىياج چۈشمىدى. دەرۋەقە، بىز بارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىۋاتىمىز. ھاماس سىياسىي بىر كۈچ، شۇڭا بۇ تەشكىلات بىلەن ئالاقە قىلىش زۆرۈر.»

 بىرمىدىكى كىرىزىس بىلەن ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتكە سەل قارىماسلىق لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن جونسون، 600 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ مۇشەققەت تارتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

جونسون ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتى دائىرىسىدە ئەنقەرە – لوندون مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى بىز خاتا دەۋاتقان يولغا ئىتتىرىش، قىسقىسى، تۈركىيەنى بىزدىن يىراقلاشتۇرۇش تولىمۇ خەۋپلىك ئىش. ئەنگلىيە بىلەن ھەمراھلىق، دوستلۇق ئورنىتىشنى خالايدىغان، بىزنىڭ غايىلىرىمىزنى ئورتاقلىشىدىغان، ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن ياۋرو – ئاتلانتىك قارىشىغا ئىگە مىليونلارچە تۈرك بار. شۇڭا تۈركىيەنى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇش خاتا يولدۇر. چۈنكى تۈركىيە ھەممىمىز ئۈچۈن ئىستىراتېگىيەلىك ناھايىتى مۇھىم دۆلەتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر