تۈركىيە ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

838323
تۈركىيە ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋە 8 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، 10 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ھەمدە بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز. ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دې بلاسىئو تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋەقەدە 8 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، كەم دېگەندە 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر