تۈركىيە: ئىسپانىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىمىز

تۈركىيە ئىسپانىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئاساسىي قانۇنى ۋە ئىسپانىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

835969
تۈركىيە: ئىسپانىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق پارلامېنتنىڭ مۇستەقىللىق توغرۇلۇق چىقارغان قارارىنىڭ توغرا شەكىلدە تاشلانغان قەدەم ئەمەسلىكى تەكىتلەندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارلامېنتنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان قارارىنىڭ ئىسپانىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا، قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەمدە ئىسپانىيە ۋە رايون خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئاساسىي قانۇندا قانۇنىي ئورنى بولمىغان، سۈركىلىش ۋە يىرىكچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان بۇنداق بىر تەرەپلىك قاراردا چىڭ تۇرۇلماسلىقىنى، كىرىزىسنىڭ دېموكراتىيە ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى چىقىش نۇقتا قىلغان ئاساستا ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيە  دوستى ھەم ئىتتىپاقدىشى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئورگانلىرىنىڭ بۇ سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتەلەيدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىدۇ ھەمدە بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلارنى قوللايدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى، قوشۇمچە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىكمۇ خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق پارلامېنتنىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ بولۇپمۇ كاتالىنىيە ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ خاتا بىر ئەھۋالنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىز كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئېلانىنى قانۇنسىز دەپ قارايمىز ھەمدە بۇ دائىرىدە ئىسپانىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ ھەم ئىسپانىيە ھەم كاتالونىيە ئۈچۈن خاتا نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان بىر ئۇرۇنۇشتۇر. جۈملىدىن كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق پارلامېنتنىڭ بۇ قارارى بولۇپمۇ كاتالونىيە خەلقىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بىر قاراردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر