ئامېرىكا ۋەكىلى سۇداندىن چىقىرىلدى

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېيلى سۇداندىن چىقىرىلدى.

835028
ئامېرىكا ۋەكىلى سۇداندىن چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېيلى جەنۇبىي سۇداندا زىيارەتتە بولغان بىر مۇساپىرلار لاگېرى ئەتراپىدا جەنۇبىي سۇدان پىرېزىدېنتى سالۋا كىئىرگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن دۆلەتتىن چىقىرىلدى.

مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ بىر مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى 100 كىشىلىك نامايىشچىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەن. نامايىش توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن كېيىن ھېيلى دۆلەتتىن چىقىرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر