ئىران شىمالىي ئىراق چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى

ئىران ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە باشماق چېگرا ئېغىزىنى تىجارەت ئۈچۈن ئاچتى.

833868
ئىران شىمالىي ئىراق چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇلايمانيە سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى سىرۋان مۇھەممەدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن 10 كۈن ئىلگىرى تىجارەت ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەن باشماق چېگرا ئېغىزى ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، سۇلايمانىيە ۋىلايىتىدىكى يەنە بىر چېگرا ئېغىزى بولغان پەرۋازخان چېگرا ئېغىزىنىڭمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېچىۋېتىلىشى توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغان.

ئىران ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرەپكە ئېچىلىدىغان ئەربىل ۋىلايىتىدىكى ھاجى ئۆمەران بىلەن سۇلايمانىيەدىكى سەيرانبەند، پەرۋەرخان ۋە باشماق چېگرا ئېغىزلىرىنى ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 15 – ئۆكتەبىر كۈنى تىجارەتكە تاقىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر