تۈركىيە يەر شارى خاراكتېرلىك ئەڭ سېخى دۆلەت

تۈركىيە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا 50 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەرگەندىن كېيىن، ب د ت تۈركىيەنى: «يەر شارى خاراكتېرلىك ئەڭ سېخى دۆلەت» دەپ ماخىتىدى.

833463
تۈركىيە يەر شارى خاراكتېرلىك ئەڭ سېخى دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كۇۋەيتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن شىۋېيتسارىيەدە خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەرىپىدىن «ئاراكان مۇساپىرلار ئۈچۈن خەلقئارالىق ياردەم» سەرلەۋھىلىك يىغىن چاقىرىلدى.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ئەلى ناجى قورۇ تۈركىيەنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مىقدارىنىڭ 50 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فىلىپپو گراندى قورۇنىڭ سۆزلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە يەر شارى خاراكتېرلىك ئەڭ سېخى دۆلەت بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر