24 سائەت ئىچىدە كابۇلدا ئىككى قېتىم ئادەم بومبا يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلدى.
831790
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 15 ئەسكەر ئۆلدى.
بىر زوراۋان بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ھەربىي گازارمىغا بېسىپ كىردى.
ھۇجۇمدا 4 ئەسكەر يارىلاندى، بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا 24 سائەت ئىچىدە 2 قېتىم ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.