ئىران: يادرو كېلىشىمىنىڭ بۇزۇلۇشىنى خالىمايمىز

ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەكبەر سالىھى 2015 – يىلى ب د ت نىڭ دائىمىي ئەزالىرى (1+5 دۆلەتلەر) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىنىڭ بۇزۇلۇشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

825004
ئىران: يادرو كېلىشىمىنىڭ بۇزۇلۇشىنى خالىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سالىھى ياۋروپا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا چاقىرىلغان ۋە قورالسىزلىنىش، يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش، بىخەتەرلىك ۋە ئىلمىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە، يادرو كېلىشىمى ۋە ئامېرىكىنىڭ كېلىشىم توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتلىرى ھەققىدە توختالدى ھەمدە يادرو كېلىشىمىنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بىز كېلىشىمنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئەسلا خالىمايمىز.»

ئۇ، كېلىشىمدىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىشى ئىراننىڭ دۆلەتلىك سىياسىتىگە جىددىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىن بۇ كېلىشىمنىڭ بۇزۇلۇشى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق ئىشەنچىلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ھازىرقىدەك ھالقىلىق بىر پەيتتە، قىيىن ئۆتكەللەردىن ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىپ ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىشىمىز كېرەك.»

يىغىننىڭ تۈنۈگۈنكى ئېچىلىشىغا قاتناشقان خەلقئارا ئاتون ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى يۇكىيا ئامانو ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى فرېدېرىكا موغېرىنى بارلىق تەرەپلەرنىڭمۇ بۇ كېلىشىمنى قوغدىشى لازىملىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر