سەئۇدى ئەرەبىستان رۇسىيەدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ھەربىي ئەسلىھە تېخنىكىسى سېتىۋالماقچى

رۇسىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بەزى قورال تېخنىكىلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

822994
سەئۇدى ئەرەبىستان رۇسىيەدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ھەربىي ئەسلىھە تېخنىكىسى سېتىۋالماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رۇسىيەدىن «S-400» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سىتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزدى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق ئورگىنى ۋەكىلى مارىيا ۋوروبىيېۋا رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «RİA Novosti»غا بەرگەن باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانغا «S-400» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىپ بېرىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىغانلىقىنى ئېيتتى.

مارىيا ۋوروبىيېۋا رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېلشىمىمۇ تۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «سەئۇدى ئەرەبىستانغا «S-400» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىدىن باشقا يەنە، «Kornet-EM» ناملىق تانكا ئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، «TOS-1A» ناملىق ئېغىر تىپلىق توپ سىستېمىلىرى، «AGS-30» ناملىق  بومبا ئاتارلار ۋە «Kalaşnikof AK-103» ناملىق ئاپتوماتىك قوراللارنى يۆتكەپ بېرىش كېلىشىمىمۇ تۈزۈلدى» دېدى.

مارىيا ۋوروبىيېۋا ئىمزالانغان كېلىشىمگە بىنائەن «Kornet-EM» ناملىق تانكا ئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، «TOS-1A» ناملىق ئېغىر تىپلىق توپ سىستېمىلىرى، «AGS-30» ناملىق  بومبا ئاتارلار ۋە «Kalaşnikof AK-103» ناملىق ئاپتوماتىك قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر