تۈركىيە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەلەستىننىڭ مۇرەسسەچىلىك باسقۇچىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

820700
تۈركىيە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پەلەستىنلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە بۇ دائىرىدە 3 – ئۆكتەبىر كۈنى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى چاقىرىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەلەستىننىڭ ئىچكى مۇرەسسەچىلىك باسقۇچى ۋە بۇ دائىرىدە كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقى، ئەنقەرەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك چارە تەرىقىسىدە ھەل قىلىنىش مۇساپىسىغا ناھايتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر