فىرانسىيەدە بومبا ياسايدىغان ئەسلىھەلەر قولغا چۈشۈرۈلدى

ۋەقەگە چېتىشلىق 5 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

819267
فىرانسىيەدە بومبا ياسايدىغان ئەسلىھەلەر قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا پارژ دېس پىرىنسېس تەنتەربىيە زالىغا يېقىن بىر جايدا بومبا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھەلەر تېپىلدى ۋە ئالاقىدار 5 گۇماندار نازارەتكە ئېلىندى.

قىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرارد كوللومب ھەپتە ئاخىرى فىرانس ئىنتېر رادىيوسى قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، پارىژنىڭ 16 – رايونىدا بىر بىنانىڭ يەر ئاستى قەۋىتىدە بومبا ياساشقا ئىشلتىلىدىغان گاز تۇڭى ۋە بومبا پىلىكلىرى قاتارلىق ئەسلىھەلەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.  

ۋەقەگە چېتىشلىق 5 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېرارد كوللومب بۇلاردىن بىرسىنىڭ «رادىكاللىشىش» گۇمانى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ساقچىلار تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى. 

مەزكۇر بىنانىڭ پارىژ سائىنت گېرمان پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان پارژ دېس پىرىنسېس تەنتەربىيە زالىغا ئىنتايىن يىقىن ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. 

پارىژ تەپتىش مەھكىمىسى ۋەقە ھەققىدە تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈش باشلىدى.

فىرانسىيەدە 2015 - يىلى 13 – نويابىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەت ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر