دائېش شاھزادە ھاررىيغا تەھدىت سالدى

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى، كانادادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەنگلىيە تەخت ۋارىسلىرىدىن شاھزادە ھاررىيغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ تەھدىت سالدى.

814339
دائېش شاھزادە ھاررىيغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمىنىڭ ئەبۇ ئۇقەيل ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بىر تېررورچى ئىنگلىزچە ۋىدېئو تارقىتىپ، «جاسارىتىڭ بولسا، نېمىشقا بۇ يەرگە كېلىپ بىزگە قارشى ئۇرۇش قىلمايسەن؟ شۇنداق بولغاندا، بىزمۇ سېنى ۋە تىك ئۇچارىڭنى جەھەننەم ئوتىغا ئاتالايتتۇق» دېدى.

ئىيۇن ئېيىدا دائېشنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا سادىر قىلغان ھۇجۇمىدا ئىككىسى ساقچى بولۇپ جەمئىي 7 كىشى ئۆلگەن، 48 كىشى يارىلانغان، 3 ھۇجۇمچى ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

ئەنگلىيە تەختىنىڭ بەشىنچى تەخت ۋارىسى بولغان شاھزادە ھاررىي بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە ئارمىيەسى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئافغانىستاندا ئاپاچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھەيدىگەنىدى.

شاھزادە تەھدىتتىن كېيىن ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر