ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا مىڭلارچە پۇقرا ئۆلدى

سۈرىيەدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ 3 يىل بۇرۇن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندىن بۇيان 2286 پۇقرا ئۆلدى.

813257
ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا مىڭلارچە پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، قازا قىلغانلاردىن 674 ى نارىسىدە بالا، 504 ى ئايال بولۇپ، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2014 – يىلى 67، 2015 – يىلى 242، بۇلتۇر 562، بۇ يىل 23 – سېنتەبىرگىچە 1415 پۇقرا ئۆلگەن، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ دائېش رايونلىرى نىشان قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا مەسچىتلەر، دوختۇرخانىلار ۋە مەكتەپلەر، كەم دېگەندە 157 پۇقراۋى مەركەز ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ 2015 – يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئاز ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د غا بەرگەن ياردەملىرىدىن كېيىنكى باسقۇچتا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى كۆپەيگەن.

دوكلاتنىڭ تەۋسىيەلەر قىسمىدىمۇ ئىتتىپاقداش كۈچلىرى خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان ھەمدە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىدىن ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىقرار قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 2014 – يىلى 23 – سېنتەبىر كۈنى سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر