كۇۋەيت شىمالىي كورېيە باش ئەلچىسىگە كېتىۋېلىش مۆھلىتى بەردى

كۇۋەيت، شىمالىي كورېيەنىڭ كۇۋەيتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن، 1 ئاي مۆھلەت بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

809039
كۇۋەيت شىمالىي كورېيە باش ئەلچىسىگە كېتىۋېلىش مۆھلىتى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت، پىيوڭياڭ بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەلچىخانىنىڭ ۋاكالەتخانا تۆۋەنلىتىلىشىنى ۋە خىزمەتچى خادىملار سانىنىڭ قىسقارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

قارارنىڭ، كۇۋەيت ئەمرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھنىڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىرىكى ۋاشىنگتون زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى دىققەتنى تارتتى. كۇۋەيتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتىك، شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىلار ئىشلەۋاتقان نۆۋەتتىكى قۇرۇلۇشلار 1 ياكى 2 يىل ئىچىدە پۈتكەندىن كېيىن، بۇ ئىشچىلارنىڭ كۇۋەيتكە قايتىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

كۇۋەيتتە 2000  -  2500 ئارىسىدا شىمالىي كورېيەلىك ئىشچى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

كۇۋەيت بۇنىڭدىن ئىلگىرى قارار ماقۇللاپ، شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان پۈتكۈل سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە سودا سەپەرلىرىنى توختاتقانلىقى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر