ئىراقتىكى بىر ئامېرىكا بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراقنىڭ ئەربىل ۋىلايىتىگە قاراشلىق مەھمۇر ناھىيەسىدىكى ھەربىي بازىسى دائېشنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

808616
ئىراقتىكى بىر ئامېرىكا بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇل ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىقىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان يۈز بېشى سۇبھان ھامىد، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 3 ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ ئالدىدا ۋەقە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بازىنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرگەن ھۇجۇمچىلاردىن بىرىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتلاتقانلىقىنى، قالغان ھۇجۇمچىلارنىڭ ئەسكەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سېپىدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەن – كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر