شىۋېتسىيەدە ئاپتوموبىل بومبا قولغا چۈشۈرۈلدى

شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سكونې رايونىدا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى جەريانىدا ئاپتوموبىل بومبا قولغا چۈشۈرۈلدى.

807858
شىۋېتسىيەدە ئاپتوموبىل بومبا قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سكونې رايونلۇق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتوموبىل بومبا مالمۆ ۋە لۇند شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان لومبا ئولتۇراق مەھەللىسىدىكى كونترول نۇقتىسىدا تەكشۈرۈش جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن.

شىۋېتسىيە قاتناش ئىدارىسى باياناتچىسى كاتارىنا ۋولفرامنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن E6 دۆلەتلىك تاش يول تاقالغان، بومبا مۇتەخەسسىسلىرى ئاپتوموبىلنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، شوپۇر قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر