ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

سۈرىيەدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 22 پۇقرا قازا قىلدى.

806890
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SANA) نىڭ رايوندىكى شاھىتلارنى مەنبە قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ رەققە شەھىرىدە بىر بىنانى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە نارىسىدە بالىلار بولۇپ، كەم دېگەندە 11 كىشى قازا قىلغان، دىر ئەززۇرنىڭ شىمالىدىكى شاھابات يېزىسىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بولسا 11 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى سۈرىيەنىڭ رەققە، دىر ئەززۇر رايونلىرىدا دېموكراتىك سۈرىيە كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بەرمەكتە ئىكەن، دەمەشق ھۆكۈمىتى بولسا ئۆزىنىڭ ماقۇللىنى ئالماستىن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى قانۇنسىز دەپ قارايدىكەن.

2015 – يىلى تەشكىل قىلىنغان ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيە ۋە ئىراقتا دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلانغاندىن بۇيان كەم دېگەندە 685 پۇقرانىڭ خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىقرار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر