رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئونلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ دەيرۇززۇر رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

804465
رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئونلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ دەيرۇززۇر ۋىلايىتىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 19 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئارقىلىق بايانات تارقىتىپ، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەلبۇلىل يېزىسىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئىككىسى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 19 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سۈرىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولسا، ھۇجۇمدا بەزى جەسەتلەرنىڭ كۆيۈپ تونۇغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر