قاتارمۇ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

قاتار ياردەم جەمئىيىتى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ياردەم قىلىش ئۈچۈن ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى بىلەن كېلىشىم تۈزدى.

804588
قاتارمۇ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ياردەم جەمئىيىتى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشتى.

جەمئىيەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پايتەخت دوھادا ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئاراكان ۋە كاچىن ئۆلكىلىرىدە 420 ۋاقىتلىق قونالغۇ بەرپا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

روھىڭيالىق 2100 مۇساپىرغا 500مىڭ دوللار ياردەم قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، قاتار ياردەم جەمئىيىتىنىڭ روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىغا 2012-يىلدىن 2017-يىلغىچە سەھىيە، ئوزۇق-تۈلۈك، قونالغۇ ۋە سۇ قاتارلىق ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن تەخمىنەن 4 مىليون دوللار ئىنائە قىلغانلىقى، بۇ ئىئانىلەردىن 370 مۇساپىرنىڭ پايدىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قاتار ياردەم جەمئىيىتى ئىجرائىيە مۇدىرى يۇسۇف ئەل-قەرزاۋى بۇ ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى ئېغىر قىيىنچىلىققا ۋە زۇلۇمغا دۇچ كېلىۋاتقان ناھايىتى ھالقىلىق پەيتتە ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى.

كېلىشىمنى  ئىمزالىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى رايونلۇق ۋەكىلى خالىد خالىفەمۇ ياردەم مەسىلىسىدە زور كۈچ چىقارغان قاتارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ «قوراللىق مىلىتانلارغا قارشى كۈرەش قىلىش»شوئارى ئاستىدا ئاراكان ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىدا 25-ئاۋغۇستتىن بۇيان نۇرغۇن مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇ قانلىق ۋەقەلەردە ھۇجۇم  نىشانى قىلىنغان 60دىن ئارتۇق يېزىنىڭ ئون نەچچىسى كۆيدۈرۈپ تاشلاندى، ئون مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلمانمۇ بىخەتەرلىك سەۋەبلىك رايوندىن قاچتى.

بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق ياردەم ئورگانلىرىغا ئاراكانغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى تولۇق ئېنىقلاپ چىقىش قىيىنغا توختىماقتا، ئاراكاندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاراكاندىكى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، بىر قىسىم شەخس ۋە ئورگانلار ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر