باڭلادىش: ئاراكاندا كەم دېگەندىمۇ 3 مىڭ مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلدى

بىرما ئارمىيەسىنىڭ 25 - ئاۋغۇستتا باشلانغان ئاراكاندىكى ئاتالمىش زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توختاۋسىز داۋام قىلماقتا.

804499
باڭلادىش: ئاراكاندا كەم دېگەندىمۇ 3 مىڭ مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدىكى قوراللىق مىلىتارىستلارغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ 25 – ئاۋغۇستتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مۇسۇلمانلار سانىنىڭ، كەم دېگەندىمۇ 3 مىڭغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باڭلادىش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەسەن مەھمۇد ئەلى پايتەخت داككادا تۇرۇشلۇق چەت ئەل دىپلوماتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىنىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى؛ ئۇ، يىغىن جەريانىدا، ئاراكاندا داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملاردا، كەم دېگەندىمۇ 3 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر ھەسەن مەھمۇد ئەلى يىغىندا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى ھەق – ھوقۇقلىرىغا نائىل قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا چاقىردى.

ئاراكان ئۆلكىسىدىكى ھۇجۇملارنىڭ زەربە ئوبيېكتى بولۇۋاتقان 100 دىن ئارتۇق يېزىنىڭ ئونلارچىسىنىڭ ۋەيران قىلىپ تاشلانغانلىقى، ئون مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، رايوندىن قېچىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. پۇقرالار قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق بىرمادىن باڭلادىشقا ئۆتۈشكە ئۇرۇنماقتا. ب د ت، ھازىرغىچە باڭلادىش تەرەپكە ئۆتكەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار سانىنىڭ 270 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ جەرياندا، ئون مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ چېگرا رايونىدىكى كۈتۈشى داۋام قىلماقتا.

بىرما ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ رايونغا كىرىشىگە يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلگەنلەر سانىنى ئېنىقلاش قىيىن بولماقتا. ئاراكاندىكى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ بەزىلىرى، ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالار سانىنىڭ مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزىلىرى بۇ ساننىڭ مىڭلارچە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر