ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى دائېشنىڭ قوماندانلىرىنى يۆتكەپ كەتمەكتە

ئامېرىكا يۆتكەپ كەتكەن دائېش قوماندانلىرى بىلەن بەزى مىلىتانلارنىڭ باشقا رايوندا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن 2 نەپەر قومانداننىڭ ياۋروپالىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

803750
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى دائېشنىڭ قوماندانلىرىنى يۆتكەپ كەتمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ دەيرۇززۇر شەھىرىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بەزى قوماندانلىرىنى رايوندىن يۆتكەپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى رىئا نوۋوستى، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھەربىي ۋە دېپلوماتىك مەنبەنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا دەيرۇززۇر شەھىرىدىن دائېشنىڭ 20 گە يېقىن دائېش قوماندانىنى رايوندىن يۆتكەپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە مەزكۇر دائېش قوماندانلىرى بىلەن بەزى مىلىتانلارنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن باشقا رايوندا ئىشلىتىش ئۈچۈن يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن 2 نەپەر قومانداننىڭ ياۋروپالىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دائېش تېررورچىلىرىنى باشقا جايلارغا يۆتكەش ۋەقەسىنىڭ سۈرىيەدە تۈنجى قېتىم ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن خەۋەردە يەنە، ماي ئېيىدىمۇ دەيرۇززۇر شەھىرىدىن دائېش قوماندانلىرى بىلەن بەزى ياۋروپالىق ياللانغان ئەسكەرلەرنىڭ يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى، ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدا بولسا، راككادىمۇ ئوخشاش يۆتكەپ كېتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باششار ئەسەد ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بايناتتا، دەيرۇززۇر شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قۇرشاۋىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر