پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

800798
پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن خىتايدا چاقىرىلغان BRICS  (بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي، جەنۇبىي ئافرىقا) ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

ئىككى رەھبەر ئۇچرىشىشتا، شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان ھېدروگىن بومبىسى سىنىقىغا قارىتا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلۇشى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش، خىتاي – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر - ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، BRICS ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر