ئامېرىكا ئافغانىستاندا 11 مىڭ ئەسكىرى بارلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ 11 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

799318
ئامېرىكا ئافغانىستاندا 11 مىڭ ئەسكىرى بارلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق باياناتچىسى دېينې ۋايت ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدىن گېنېرال كېنىس مېكېنزى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مېكېنزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانى 11 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا مەزگىللىك ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن ئافغانىستانغا كەتكەن ئەسكەرلەرمۇ بار، ئەمما بۇ رەقەم كەلگۈسىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئافغانىستانغا ئەۋەتىدىغان ئەسكەر سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.»

ۋايت بولسا، بۇ رەقەمنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىشىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پەقەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى تىرىشچانلىقلىرى مەسىلىسىدىلا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بايانات ئېلان قىلىمىز، سەزگۈر مەلۇماتلارنى بولسا مەخپىي تۇتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر