كابۇلدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدا پارتلاش يۈز بەردى
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 5 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
798382
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، 5 ئادەم ئۆلۈپ، 8 ئادەم يارىلانغان مەزكۇر پارتلاشنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، ۋەقەنىڭ كابۇلدىكى مەسئۇد مەيدانىغا يېقىن يەردە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالدى.