تىللېرسون ترامپنىڭ سۆزلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە شىمالىي كورېيە سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىرقچىلىق توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

797811
تىللېرسون ترامپنىڭ سۆزلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە شىمالىي كورېيە سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ فوكس نيۇز قانىلىنىڭ بىر سۆھبەت پىروگراممىسىغا چىقىپ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن رېكس تىللېرسون، چارلوتتېسۋىللېدىكى ئىرقچى گۇرۇپپىلار بىلەن ئۇلارغا قارشى گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا توختالدى.

رېكس تىللېرسون، ھېچكىمنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىممەت – قارىشىدىن گۇمانلانمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئىرقچىلىقنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئورنى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

تىللېرسون، دونالد ترامپنىڭ ئىرقچىلار بىلەن ئۇلارغا قارشى گۇرۇپپىنى بىردەك ئەيىبلىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، »پىرېزىدېنت ئۆز نامىدىن سۆز قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئىرقچى ۋەقەلەردىن كېيىن سۆز قىلىپ، پەقەت ئىرقچىلارنى ئەيىبلەش بىلەنلا قالماي، ئۇلارغا قارشى گۇرۇپپىلارنىمۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەيىبلىگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، شىمالىي كورېيە كىرىزىسىگە دىپلوماتىك چارە تېپىش يوللىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيەسىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋاقىتقا ئاساسەن ئەمەس، شەرت – شارائىتقا ئاساسەن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئافغانىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىباننى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا چاقىرغان رېكس تىللېرسون، دائېش ۋە ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبە قىلغان چاغقىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر