ئەسەد كۈچلىرى تەلبىسە ۋە خولاغا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى، «توقۇنۇشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان» ھۇمۇسنىڭ تەلبىسە ۋە خولا ناھىيەلىرىدىكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى.

797362
ئەسەد كۈچلىرى تەلبىسە ۋە خولاغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ «توقۇنۇشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان» ھۇمۇسنىڭ تەلبىسە ۋە خولا ناھىيەلىرىگە قىلغان ھاۋا ۋە زەمبىرەك ھۇجۇملىرىدا، بىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھۇمۇستىكى پۇقراۋى قوغدىنىش ھەيئىتى مۇدىرى ئەبۇ شەيما، «ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ تەلبىسە ناھىيە مەركىزى ۋە ناھىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەلغەنتو بازىرىغا قىلغان زەمبىرەك ھۇجۇمىدا يارىلانغان ئۈچى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 10 كىشى رايوندىكى سەھىيە مەركەزلىرىدە بالنىستقا ئېلىندى» دېدى.

ئەبۇ شەيما، ئەتىگەندە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرىغان خولانىڭ كەفەر لەھە ۋە تەلتەيبە بازارلىرىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شۇنداق قىلىپ، ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى خولا ۋە تەلبىسەگە قىلغان يېقىنقى بىر ھەپتىلىك ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 11 گە، يارىلانغانلار سانى 55 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر