ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلىپ - قىلمىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلىپ - قىلمىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ – ئورۇندىمىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.
نىككى ھېلېي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلىپ – قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەندىشلىرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ۋىيېننادا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى. نىككى ھېلېينىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋاكالەتخانىسى بايانات بېرىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ – ئورۇندىمىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، نىككى ھېلېي مەزكۇر ئۇچرىشىشتا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقىدىن گۇمانلانغان بارلىق ئورۇنلىرىغا كىرىشىگە يول قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.