رۇسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە ۋە خىتايدىكى شىركەت ۋە شەخسلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى.

795713
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە ۋە خىتايدىكى شىركەت ۋە شەخسلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىشى بېيجىڭ بىلەن موسكۋانىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسىلىي نېبېنزىئا، «رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تاشلىغان بۇ دۈشمەنلەرچە قەدىمى ئىجابىي مۇھىت يارىتىشقا ياردەمچى بولمايدۇ.» دېدى. ئۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن مەزكۇر باياناتى جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە ئېمبارگوسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئېمبارگولارنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ بولسا، بېيجىڭدا كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئاقساراينىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىققا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە ۋە خىتايدىكى جەمئىي 16 ئادەم ۋە شىركەتكە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر