يەمەنگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 30 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

يەمەننىڭ پايتەختى سانئانىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەرھاب رايونىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 30 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

795320
يەمەنگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 30 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ پايتەختى سانئانىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەرھاب رايونىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 30 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، كۆپ ساندا پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مەزكۇر رايون ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئىكەن.

ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ جاۋابكارىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بىلەن يەمەن ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2014 – يىلىدىن بۇيان يەمەندە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ باشقا ياقلارغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر