رىياد، ھاۋا ساھەسىنىڭ ئېچىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بەھرەيندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ ھاۋا تەۋەلىكىنى ئاچقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.

788031
رىياد، ھاۋا ساھەسىنىڭ ئېچىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى باش ئورگىنى باشلىقى ئابدۇلھەكىم بىن مۇھەممەد ئەتتەمىيمى سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپا ئارقىلىق بايانات بېرىپ، دۆلەت ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ قاتار ئايروپىلانلىرىغا قارىتا ھېلىھەم تاقاق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى باش ئورگىنى 30 – ئىيۇلدا، مۇھاسىرە يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قاتار ھاۋا يولى شىركەتلىرىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن، 9 جىددىي ھاۋا كارىدورى بېكىتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

قاتار پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى باش ئورگىنى باشلىقى ئابدۇللاھ بىن ناسىر ئەسسەبىيئى دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، قاتار خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تەشكىلاتىدىن تەلەپ قىلغان ئوممان قولتۇقى، بەسرە قولتۇقى ۋە ئوممان دېڭىزىنى ئۆز ئىچىگە جايلاردىكى يېڭى لىنىيەلەرنىڭ كۆپىنچىسىدىن پايدىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بەھرەين بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان ھاۋا ساھەلىرىنىڭ قاتار ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلان قاتنىشىغا ئېچىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان، پەقەت خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكى ئۈستىدىكى ھاۋا ساھەسىدىن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر