ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئامېرىكا ئايروپىلانىغا سوقۇلۇشقا ئۇرۇندى

ئىرانغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماستىن، ئامېرىكىنىڭ «F/A-18» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا خەتەرلىك شەكىلدە يېقىنلاشتى.

786488
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئامېرىكا ئايروپىلانىغا سوقۇلۇشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بەسرە قولتۇقىدا ئىرانغا تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئامېرىكىنىڭ «F/A-18» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا خەتەرلىك شەكىلدە يېقىنلاشتى.

ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتابى ئىرانغا تەۋە ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماستىن، ئامېرىكىنىڭ «F/A-18» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا خەتەرلىك شەكىلدە يېقىنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 ئامېرىكا  دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى مىڭ بېشى بىل ئۇربان ئىرانغا تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ «F/A-18» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىكتىن خالىي بىر دوقۇرۇشىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇربان ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «ئىرانغا تەۋە < QOM-1> ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ <USS Nimitz > ئاۋىياماتكىسى، < VFA 147> دېڭىز ئارمىيە ئەترىتىگە تەۋە «F/A-18» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئوتتۇرىسىدا 8 – ئاۋغۇست كۈنى خەۋپسىزلىكتىن ۋە كەسپىيلىقتىن خالىي بىر دوقۇرۇشىش يۈز بەردى» دېدى.

مىڭ بېشى ئۇربان، سىمسىز ئالاقە ئارقىلىق ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ <USS Nimitz > ئاۋىياماتكىسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئايروپىلانلاردىن ئۇزاق تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئىرانغا تەۋە < QOM-1> ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئاۋىياماتكىغا قونۇش ئالدىدا تۇرغان «F/A-18» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا سۇرئىتىنى ئۆزگەرتكەن ھالدا يېقىنلىشىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مىڭ بېشى ئۇربان باياناتىدا «F/A-18» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ < QOM-1> ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن سوقۇشۇپ كەتمەسلىك ئۇچۇن 200 پۇت يانتۇ ۋە 100 پۇت تىك قايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «<QOM-1> ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلانلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسىگە خەتەرلىك بىر شەكىلدە يېقىنلىشىشى ھەمدە ئۆخشاش ئېگىزلىكتىكى ھەرىكەتلىرى بىلەن سۇقۇشۇپ كېتىش خەۋپى ياراتقانلىقى خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى قانۇن – پىرىنسىپلىرىغا خىلاپتۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئۇربان ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە 13 قېتىم ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن كەسپىيلىكتىن ۋە بىخەتەرلىكتىن خالىي ھالدا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر